TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 25:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر.

پادىشاھ: بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسى يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ، قانداق؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ئى، غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقانلىرى ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ قايمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە سىلىنىڭ قۇللىرى يوئاب ماڭا شۇنى تاپىلاپ، بۇ سۆزلەرنى دېدەكلىرىنىڭ ئاغزىغا سالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.

خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى.

تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق-قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟

مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر.

«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم، مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم.  

مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان!