TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 25:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ-خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.

ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.

پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.

يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.

«[ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا]، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ.