لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر».
شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى.
[چۈنكى] رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.
ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر.
قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ