TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى.  

ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى.

ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.

ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار.

چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛

لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان.