TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممىسى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن ئادەملەردەك ئىدى؛ لېكىن سىلى ئۆز قۇللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولغانلار ئارىسىدا قويدىلا؛ مېنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەرياد قىلغىلى نېمە ھەققىم بار؟ ــ دېدى.

رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى.

لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ

مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر.

دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر.

بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ

بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛

ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى.