TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى.

بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى.

ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي.

ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر.

ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار، ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار،

[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر.

مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم.

بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ!

ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار.