TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن.  

ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى.

ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى.

ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.