TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 28:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر.

مەندىن ئىلگىرى ۋالىي بولغانلار خەلققە ئېغىرچىلىك سېلىپ، ئۇلاردىن [كۈندىلىك] ئاشلىق، مەي-شاراب ۋە شۇنىڭدەك قىرىق شەكەل كۈمۈش ئېلىپ كەلگەنىكەن؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىن ھوقۇقۋازلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. لېكىن مەن خۇدادىن قورقىدىغىنىم ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم.

ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى.

ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛  

ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، خوجىلىرىغا: «[شارابنى] ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ