ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 28:26
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛
ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر.
چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ
چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛
بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.