TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم)

توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار.

پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ بىراق دانا كىشى [ئۇنىڭ غەزىپىنى] تىنچلاندۇرار.

پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن!   

ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت-چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم.

ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن: ــ بىزمۇ كورمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.

ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،   

شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.