ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك.
ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر.
[دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ.
پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.
بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
سىلەر بولساڭلار، بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلاردا داۋاملىق تۇرغۇزىۋېرىڭلار. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقىنىڭلار سىلەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە، سىلەرمۇ داۋاملىق ئوغۇل ۋە ئاتىدا ياشاۋاتقان بولىسىلەر؛