TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:28

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما.

ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن.

سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.

ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار.

ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا [ھەقىقىي] باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن.