TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى.

سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز.

زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.  

ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار [زېمىن] مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.

شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ.

زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى.

بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟

شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ.

شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى.

ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ.  

مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن.

ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟