زەبۇر 71:15
TSK
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس.
ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر!
ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان.