يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 5:9
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
يارىتىلىش 38:23
TSK
نەھەمىيا 13:26
TSK
ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان.
ھوشىيا 4:13
TSK
تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ.