TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 8:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛

ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ،

مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر.

دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!

ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.

بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى،