TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 8:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.

ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛

چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر.

دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!