سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 8:15
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى.
ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى.
مېنىڭ ئوغۇللىرىم ئىچىدىن (پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا كۆپ ئوغۇل ئاتا قىلغان) ئۇ يەنە ئوغلۇم سۇلايماننى پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا تاللىدى.
سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن.
ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن.
مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن.
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى.
كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى.
ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر.
ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.