TSK

TSK · ۋەھىي 2:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟

[سولاپ قويۇلغان] بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ [پەيغەمبەر]نىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن [كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى] كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.   

ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛   

شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى.