ئەگەر بىر يەردە تۇرىدىغان قېرىنداش ئاكا-ئىنىلارنىڭ بىرى بالا يۈزى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئايالى يات بىر كىشىگە تەگمىسۇن؛ بەلكى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ بىرتۇغقان قېرىندىشى ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بىرتۇغقان قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن؛
TSK
TSK · رۇت 3:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى.
ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ [ئېتىزنى] ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى.
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا]: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان.
چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.