TSK

TSK · زەكەرىيا 14:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر.

ئاندىن [نەھەمىيا] ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە [يىمەك-ئىچمەك] تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى.

شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛

مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر.

«ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!»

شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛

ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛   

مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ.

شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار.

مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر.

لېكىن مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئائىلىسىگە ئوغۇل سالاھىيىتى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز جاسارىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدىن بولغان ئىپتىخارلىقنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتساق، دەرۋەقە خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.

يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى،

شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.