سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:20
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاھاز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى يېرۇسالېم شەھىرىگە دەپنە قىلدى، لېكىن ئۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. ئوغلى ھەزەكىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
يەرەمىيا 22:28
TSK
كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟