ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يېسۇن؛ ئۇنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 35:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
لاۋىيلار 6:28
TSK
قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن.
قانۇن شەرھى 16:7
TSK
ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ.
زەبۇر 22:14
TSK
مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم، ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛ يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى، ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى.
ئەزاكىيال 46:20
TSK
ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ.