ئاخىرىدا لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلار ئورنىدىن قوپۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىدى؛ ئۇلارنىڭ ساداسى خۇداغا ئاڭلاندى، دۇئاسى ئاسمانلارغا، ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇرالغۇسىغا يەتتى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 6:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ.
ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛
ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم.
ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!».
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.