TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 7:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛

شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك، ئۇلارنى دەھشەتكە سېلىپ، ۋەھىمە بولۇشقا ھەم زاڭلىق قىلىپ ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى.   

مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ.

نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.

ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ.