TSK

TSK · سامۇئىل «2» 2:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى.

ئەمدى يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئىدى؛ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بولسا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ ئۈستىگە سەردار بولدى.

ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىياتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى.

زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى.