TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:14

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى.

ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» [«(ئاقور جىلغىسى)»] دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا.

سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ.

داۋۇت غۇلاملىرىغا بۇيرۇق قىلىۋىدى، ئۇلار بۇلارنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى ھېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى؛ لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ ھېبروندا ئابنەرنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى.  

ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى.

ئاندىن پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئوتلۇق مۇھەببىتىنى، ئۆز خەلقىگە رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتتى؛

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى.