TSK

TSK · سامۇئىل «2» 7:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟

مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى.

پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.

ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى.  

قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى.

ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛