TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار!

ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار.

لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!

ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!

بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟

ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ

ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى.

پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.  

پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.

يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، [يەھۇدىيلارنى] ئاقلىماقچى بولدى.

پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.  

قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».

 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»