سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە [تەۋراتتىكى] تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ [قۇربانلىق] چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:26
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛