TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛ كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ!

ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.

ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى.

شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر.