TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:39

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز.

بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى.  

سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى!

ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ [شەپقىتىنى كۆرسەتمەي] يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟

پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر.

ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟

ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟

چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.

ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر!

شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟

چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر.

سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.