TSK

TSK · دانىيال 2:20

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى!

داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى.

لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ!

ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر.

بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ.

ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!

ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!

مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر.

ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.

ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن!