مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى».
TSK
TSK · دانىيال 4:16
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ.
ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ.
چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى.
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛