TSK

TSK · دانىيال 4:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى.

يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ.

ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟!

پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى.

ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى.