TSK

TSK · دانىيال 6:25

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ

ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى.

شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى.

پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ.

«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!

سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي!