TSK

TSK · دانىيال 7:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم.

مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ.

مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى

ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر،  ــ دېدى.