TSK

TSK · دانىيال 7:20

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى.

[تەبىر بەرگۈچى] چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ.

شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.