«ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق: «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ.
TSK
TSK · دانىيال 8:26
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
ئۇ ماڭا يەنە: ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى.
مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم).
ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى.