مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!».
TSK
TSK · دانىيال 9:19
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛
بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر.
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق.
سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن.
چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر.
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز!
نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە!
چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن.
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن.
ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر.
سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛