TSK

TSK · دانىيال 9:8

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى».

ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق!

ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟

بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ.