ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار [شەكەمنىڭ] قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى.
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 22:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن.
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، [مۇقەددەس] نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى.
قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە،
سەن شۇ رەزىل ئىشنى قىلغان ئەر ياكى ئايالنى دەرۋازىلىرىڭغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ ئەر ياكى ئايالنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك.
ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر.
ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن.
بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق-تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى.