مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم.
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 23:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ.
يەشۇئا خەلققە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ.
ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!
ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى!
ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن.
چۈنكى [لەشكەرلەرنىڭ] ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ.
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.
چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى، يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا، ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى، كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن، دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز».
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ».
بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.
بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازاب بەرمەڭلەر؛ چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆر-نىجات كۈنى ئۈچۈن مۆھۈرلەنگەنسىلەر؛
مەن شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە دائىم ئاداشقانلار، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن.
ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس،
بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن.
ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:
ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ: