ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 21:16
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى.
پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ
ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى.
چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا.
ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.