TSK

TSK · يارىتىلىش 21:8

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى.

ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛

شىمشون ئۇلارغا: ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛

بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى.   

شۇنداق قىلىپ ئابنەر يىگىرمە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە داۋۇت ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بىر زىياپەت تەييارلىدى.

ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى.

گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛