TSK

TSK · يارىتىلىش 27:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى.

مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي.   

سائۇل: ــ بۇ كېچىدە فىلىستىيلەرنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تالاپ ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى، دېدى. خەلق: ــ نېمە ساڭا ياخشى كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن كاھىن سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا كىرىپ [يوليورۇق سوراپ] چىقايلى، دېدى.

تەكوئالىق ئايال پادىشاھقا: ئى، غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن، ــ دېدى.

پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى.