TSK

TSK · يارىتىلىش 39:10

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ.

[دانالىق] سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ.

شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ.

زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.

ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ.   

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار.