TSK

TSK · يارىتىلىش 50:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى.

سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر.

يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى.

يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى، ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ [مېھىر-شەپقىتىنى] ئالدى.

چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.

ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار.