ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
TSK
TSK · ھاگاي 2:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
[بارلىق] ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛ ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان، يەر ئېرىپ كېتىدۇ.
مېنىڭ [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛
ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.