كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن.
TSK
TSK · يەشايا 21:3
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ، تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛ يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.
شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ.
«بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار.
مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ.
دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ،
مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك.